Header Include

Terjemahan Berbahasa Uyghur - Syekh Muhammad Saleh

Terjemahan makna Al-Qur`ān Al-Karīm ke bahasa Uyghur oleh Syekh Muhammad Saleh. Sudah dikoreksi di bawah pengawasan Markaz Ruwād Terjemah. Teks terjemahan asli masih bisa ditampilkan untuk diberi masukan, evaluasi dan pengembangan.

QR Code https://quran.islamcontent.com/id/uyghur_saleh

إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،

وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،

وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ

تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3

تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،

وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ

بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4

بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،

وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ

ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5

ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،

وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ

دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6

دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،

وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ

جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7

جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7]،

وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،

بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،

وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ

نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10

نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ

ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11

ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،

وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ

دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12

دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،

وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ

جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13

جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،

عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ

ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].

ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].

فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،

ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ

وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ

قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17

قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17]،

وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ

يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].

يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].

إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ

قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].

قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].

ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ

ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].

ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].

مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ

پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].

پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].

وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].

وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].

وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].

وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ

ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].

ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].

فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ

قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]

قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]

إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ

ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].

ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].

لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر[28].

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر[28].

وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].

پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].
Footer Include