ئايەت :
53
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ[53].
ئايەت :
54
يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[54].
ئايەت :
55
يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ[55].
ئايەت :
56
يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ
ئى مۆمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار[56].
ئايەت :
57
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر[57].
ئايەت :
58
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى![58].
ئايەت :
59
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ[59].
ئايەت :
60
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[60].
ئايەت :
61
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ![61]
ئايەت :
62
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولىدىكەن) ئۇنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[62].
ئايەت :
63
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ[63].