维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫
《古兰经》含义翻译
谢赫穆罕默德·萨利赫翻译。在立瓦德翻译中心的监督之下已完成开发,原始翻译可供阅读,以便获取建议、评估和持续发展。
ٱلۡقَارِعَةُ
قىيامەت(1)،
مَا ٱلۡقَارِعَةُ
قىيامەت نېمىدۇر(2).
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡقَارِعَةُ
قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(3)
يَوۡمَ يَكُونُ ٱلنَّاسُ كَٱلۡفَرَاشِ ٱلۡمَبۡثُوثِ
شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ(4).
وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ ٱلۡمَنفُوشِ
تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ(5).
فَأَمَّا مَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ(6ـ7).
فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ
تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ(6ـ7).
وَأَمَّا مَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ(8ـ9).
فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٞ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ(8ـ9).
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا هِيَهۡ
ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟(10)
نَارٌ حَامِيَةُۢ
ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر(11).
share_via