维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫
《古兰经》含义翻译
谢赫穆罕默德·萨利赫翻译。在立瓦德翻译中心的监督之下已完成开发,原始翻译可供阅读,以便获取建议、评估和持续发展。
ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ
ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن(1).
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى(2).
ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3).
ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى(4).
عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5).
كَلَّآ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَيَطۡغَىٰٓ
شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6ـ7).
أَن رَّءَاهُ ٱسۡتَغۡنَىٰٓ
شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6ـ7).
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلرُّجۡعَىٰٓ
(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)(8).
أَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي يَنۡهَىٰ
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9ـ10)
عَبۡدًا إِذَا صَلَّىٰٓ
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9ـ10)
أَرَءَيۡتَ إِن كَانَ عَلَى ٱلۡهُدَىٰٓ
ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا(11)،
أَوۡ أَمَرَ بِٱلتَّقۡوَىٰٓ
ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)(12)
أَرَءَيۡتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ
ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)(13)،
أَلَمۡ يَعۡلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ
ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟(14)
كَلَّا لَئِن لَّمۡ يَنتَهِ لَنَسۡفَعَۢا بِٱلنَّاصِيَةِ
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(15 ـ 16).
نَاصِيَةٖ كَٰذِبَةٍ خَاطِئَةٖ
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(15 ـ 16).
فَلۡيَدۡعُ نَادِيَهُۥ
ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!(17)
سَنَدۡعُ ٱلزَّبَانِيَةَ
بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز(18).
كَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩
(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن(19).
share_via