اویغوري ژباړه – شیخ محمد صالح
په ایغوري ژبه کې د قرآن د معناګانو ژباړه، د شیخ محمد صالح لخوا ژباړل شوی. دا د مرکز رواد الترجمة لخوا اصلاح شوې، او اصلي ژباړه د نظر څرګندولو، ارزونې او دوامداره پرمختګ په موخه شتون لري.
أَلۡهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى[1ـ2].
حَتَّىٰ زُرۡتُمُ ٱلۡمَقَابِرَ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى[1ـ2].
كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر[3].
ثُمَّ كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر[4].
كَلَّا لَوۡ تَعۡلَمُونَ عِلۡمَ ٱلۡيَقِينِ
ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)[5].
لَتَرَوُنَّ ٱلۡجَحِيمَ
سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر[6].
ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيۡنَ ٱلۡيَقِينِ
ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر[7].
ثُمَّ لَتُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ
ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[8].
مشاركة عبر