آیت :
32
أَمۡ تَأۡمُرُهُمۡ أَحۡلَٰمُهُم بِهَٰذَآۚ أَمۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ
ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر[32].
آیت :
33
أَمۡ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥۚ بَل لَّا يُؤۡمِنُونَ
ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ[33].
آیت :
34
فَلۡيَأۡتُواْ بِحَدِيثٖ مِّثۡلِهِۦٓ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار[34].
آیت :
35
أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ
ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟[35]
آیت :
36
أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ
ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ[36].
آیت :
37
أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمۡ هُمُ ٱلۡمُصَۜيۡطِرُونَ
ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟[37]
آیت :
38
أَمۡ لَهُمۡ سُلَّمٞ يَسۡتَمِعُونَ فِيهِۖ فَلۡيَأۡتِ مُسۡتَمِعُهُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ
ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن[38].
آیت :
39
أَمۡ لَهُ ٱلۡبَنَٰتُ وَلَكُمُ ٱلۡبَنُونَ
ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟[39]
آیت :
40
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)[40]
آیت :
41
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟[41]
آیت :
42
أَمۡ يُرِيدُونَ كَيۡدٗاۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هُمُ ٱلۡمَكِيدُونَ
ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ[42].
آیت :
43
أَمۡ لَهُمۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر[43].
آیت :
44
وَإِن يَرَوۡاْ كِسۡفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطٗا يَقُولُواْ سَحَابٞ مَّرۡكُومٞ
ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ[44].
آیت :
45
فَذَرۡهُمۡ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي فِيهِ يُصۡعَقُونَ
ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن[45].
آیت :
46
يَوۡمَ لَا يُغۡنِي عَنۡهُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[46].
آیت :
47
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[47].
آیت :
48
وَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعۡيُنِنَاۖ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[48].
آیت :
49
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَإِدۡبَٰرَ ٱلنُّجُومِ
كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن[49].